loader

ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى) ۋەدە قىلدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ، موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار

شۇنىڭدىن كېيىن، شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق

ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق

ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ، ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، موزايغا چوقۇنمىغانلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرسۇن» دېدى. مۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. اﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. اﷲ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! اﷲ نى ئوپئوچۇق كۆرمىگىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار - دە، (سىلەرگە نازىل بولغان ئازابنى) كۆرۈپ تۇرغىنىڭلار ھالدا سىلەرنى چاقماق سوقتى

ئاندىن كېيىن، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن، دەپ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈردۇق

سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (بىز سىلەرگە) «رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەپ - ئىچىڭلار» (دېدۇق). ئۇلار (نېمەتلىرىمىزگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە ئەمەس، پەقەت ئۆزلىرىگىلا زۇلۇم قىلدى

ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (پەرۋەردىگارىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېدۇق

زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى (يەنى اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق

ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم (يەنى قەبىلە) ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «اﷲ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق)

ئۆز ۋاقتىدا (سىنا چۆلىدە تەرەنجىبىن ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا) سىلەر: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل يېمەكلىككە چىداپ تۇرالمايمىز، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېدىڭلار، مۇسا: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟ (يەنى پىياز، سامساق، كۆكتاتنى تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىدىن ئارتۇق كۆرەمسىلەر؟) بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار، (شۇ يەردە) تىلىگىنىڭلار بار» دېدى. ئۇلار خارلىقتا، موھتاجلىقتا قالدى. اﷲ نىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولدى

شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، ناسارالار (ئارىسىدىن) ۋە پەرىشتىلەرگە، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن اﷲ قا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ يوقتۇر

ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويغان، سىلەرگە: «(دۇنيادا ھالاك بولۇشتىن، ئاخىرەتتە ئازابقا قېلىشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار (يەنى تەۋراتقا ئەمەل قىلىڭلار)، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق)

شۇنىڭدىن كېيىن (بەرگەن ۋەدەڭلاردىن) يۈز ئۆرۈدۈڭلار، سىلەرگە اﷲ نىڭ پەزلى - مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار

ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى (قانداق قىلغانلىقىمىزنى)، ئەلۋەتتە بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق

ئۇنى (يەنى ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جازانى) زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلدۇق

ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن (يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن) بولۇپ قېلىشتىن اﷲ قا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى

ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە قانداق كالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا: «اﷲ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دەپ ئېيتتى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى

ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى»

ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلسۇن، (يەنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلگەن كالىمۇ، ياكى سەمرىتىش ئۈچۈن بېقىلغان كالىمۇ؟) بۇ بىزگە مۈجمەل بولۇپ قالدى (بۇ ئېنىق بولىدىغان بولسا) خۇدا خالىسا (ئۇنى) بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى

مۇسا: «اﷲ ئۇنىڭ يەر ھەيدەپ، ئېكىن سۇغۇرۇپ كۆندۈرۈلگەن بولماسلىقىنى، بېجىرىم، ئالىسى يوق (يەنى رەڭگىدە سېرىقلىقتىن باشقا رەڭ يوق) بولۇشىنى ئېيتتى» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى ئۇلار (كالىنى) تېپىپ كېلىپ بوغۇزلىدى، (ئۇلار سوئال سوراۋەرگەنلىكتىن) بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى

ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە (قاتىلنىڭ كىملىكى) توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقان ئىدىڭلار. سىلەر يوشۇرماقچى بولغان نەرسىنى (يەنى قاتىلنىڭ ئىشىنى) اﷲ ئاشكارىلىغۇچىدۇر

(سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئېيتىپ بېرىدۇ)، اﷲ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق (يەنى كۆز ئالدىڭلاردا بۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەندەك) تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرنى چۈشەنسۇن دپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ

(ئى يەھۇدىيلار جامائەسى!) شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى شانلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن) دىلىڭلار قېتىپ كەتتى، تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ قاتتىق قېتىپ كەتتى. تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن (سۇ ئېتىلىپ چىقىپ) ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ اﷲ تىن قورقۇپ (تاغ چوققىلىرىدىن) دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار (دېمەك، تاش يۇمشايدۇ، سىلەرنىڭ دىلىڭلار بولسا يۇمشىمايدۇ ۋە تەسىرلەنمەيدۇ)، اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر

(ئى مۆمىنلەر جامائەسى! دەۋىتىڭلار ئارقىلىق) يەھۇدىيلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم، اﷲ نىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ (قەستەن) ئۆزگەرتىۋەتتى

ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقانلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيتتى. بىر - بىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقانلىرىدا: «پەرۋەردىگارىڭلار قېشىدا مۆمىنلەر سىلەرگە قارشى پاكىت كۆرسەتسۇن دەپ اﷲ سىلەرگە بىلدۈرگەن ۋەھيىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرەمسىلەر؟ (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر!» دەيتتى

يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى اﷲ نىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟

ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىرى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) ئۇقمايدۇ، (ئەھبارلىرى ئويدۇرۇپ چىققان) ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدۇ، گۇمان بىلەنلا ئىش قىلىدۇ

كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ ئۇنى ئاز پۇلغا سېتىش (يەنى دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتى) ئۈچۈن، بۇ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرگە ۋاي! قولى بىلەن يازغانلىرى (يەنى تەۋراتنى ئۆزگەرتكەنلىكلىرى) ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي! (بۇنىڭ بىلەن) ئېرىشكەن (ھارام) نەرسىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي

ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئۇلارغا) «سىلەرگە اﷲ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ، (ۋەدە بەرگەن بولسا) اﷲ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ، ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغاننى اﷲ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن

ئۇنداق ئەمەس (سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەھلى جەننەتتۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ

ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن اﷲ تىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا - ئانىغا، خىش - ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدەڭلاردىن) يېنىۋالىسىلەر

ئۆز ۋاقتىدا بىر - بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر - بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا، سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھسىلەر

كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە، فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قېلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر

ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى بېرىپ، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ

شەك - شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىساغا مۆجىزىلەر بەردۇق، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن يۆلىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار

ئۇلار: «دىللىرىمىز پەردىلەنگەن» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز

ئۇلارغا اﷲ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى). ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان (يەنى تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. اﷲ كاپىرلارغا (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلارغا) لەنەت قىلدى

يەھۇدىيلارنىڭ اﷲ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى اﷲ نىڭ ئۆز پەزلىنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى (يەنى ئىمانىنى) كۇفرىغا سېتىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى - ئۈستىگە غەزەپكە تېگىشلىك بولدى. كاپىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئۇلارغا: «اﷲ نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا) ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ، ھالبۇكى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى تەستىق قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارغا) «سىلەر (تەۋراتقا) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن

مۇسا سىلەرگە ھەقىقەتەن ئېنىق مۆجىزىلەرنى كەلتۈردى، مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن) دىن كېيىن، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار

ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن (تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا) چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق، سىلەرگە: «مەن نازىل قىلغان كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار (بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى تاشلايمىز)» دەپ تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلىدۇق ۋە (تەۋراتقا) قۇلاق سېلىڭلار (دېدۇق). ئۇلار: «سۆزۈڭگە قۇلاق سالدۇق ئەمرىڭگە ئاسىيلىق قىلدۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى. ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا؟ (سىلەر مۆمىن ئەمەس، چۈنكى ئىمان موزايغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇمايدۇ)» دېگىن

ئۇلارغا: «ئەگەر ئاخىرەت يۇرتى (يەنى جەننەت) اﷲ نىڭ قېشىدا (سىلەر گۇمان قىلغاندەك) باشقىلارغا ئەمەس، يالغۇز سىلەرگىلا خاس بولسا، (سىلەرنى جەننەتكە ئۇلاشتۇرىدىغان) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار! (جەننەت بىزگىلا خاس دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار» دېگىن

ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. اﷲ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر

شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ھېرىس كۆرۈسەن؛ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ. اﷲ ئۇلار نىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

ئېيتقىنكى، «جىبرىئىلغا دۈشمەن بولغان ئادەم (اﷲ قا دۈشمەندۇر)، چۈنكى ئۇ (يەنى جىبرىئىل) اﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكىنى (يەنى ساماۋى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچى، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، مۆمىنلەرگە بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى

كىمكى اﷲ نى، اﷲ نىڭ پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى، جىبرىئىلنى، مىكائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن (اﷲ نى دۈشمەن تۇتقان بولىدۇ)، شۈبھىسىزكى، اﷲ كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ»

شەك - شۈبھىسىزكى، ساڭا بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئۇلارنى پەقەت توغرا يولدىن چىققانلارلا ئىنكار قىلىدۇ

ھەر قاچان ئۇلار بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ) تولىسى (تەۋراتقا) ئىمان ئېيتمايدۇ

СЎНГГИ ЯНГИЛИКЛАР