loader

ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!

چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر

ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر

مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر

(ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟

سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنىي دەپ بېقىڭلارچۇ

ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق

بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بېرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز

بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بېرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز

شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە اﷲ نىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (اﷲ نىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟

سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ

ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ (دان چىقىدىغان زىرائەت قىلىپ ئۆستۈردۇقمۇ؟)

ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق - دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار

سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)

سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)

سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ

ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟

ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نېمەتلىرىگە) نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟

سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ

ئۇنىڭ دەرىخىنى (يەنى مۇرخۇ، ئۇبار ناملىق بىرىنىڭ شېخىنى بىرىگە سۈركىسە ھۆل تۇرۇپلا ئوت ئالىدىغان دەرەخنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟

ئۇنى بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن

يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن قىلىمەن

شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ (يۇلتۇزلار اﷲ نىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر

شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر

كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ساقلانغاندۇر

ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ

ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

(ئى كۇففارلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلامسىلەر؟

(سىلەر اﷲ نىڭ رىزىق بەرگەنلىكىگە) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا، رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلامسىلەر؟

جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر

جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر

بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر)

ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار

ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار

ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت - ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت - پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ

ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت - ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت - پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ

ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا، (ئۇلار راھەت - پاراغەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد!) ئۇلاردىن ساڭا سالام!

ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا، (ئۇلار راھەت - پاراغەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد!) ئۇلاردىن ساڭا سالام!

ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ

ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ

جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ

شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن

СЎНГГИ ЯНГИЛИКЛАР