loader

اﷲ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»

ئىسا ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «اﷲ ئۈچۈن (اﷲ قا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «اﷲ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، اﷲ قا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (پەيغەمبەرلىكىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز

پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن»

ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، اﷲ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). اﷲ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر

ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى: «ئى ئىسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن

كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا (ئۇلاردىن اﷲ نىڭ ئازابىنى توسىدىغان) ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ»

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، اﷲ ئۇلارنىڭ (قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. اﷲ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ (زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟)

(ئى مۇھەممەد!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر

شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ نەزىرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى اﷲ (ئاتا - ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى - دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)

(ئىسا ھەققىدىكى بۇ سۆز) اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، سەن شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن

سەن ئىسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، اﷲ نىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ اﷲ قا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن

شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسسىدۇر. بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ئۇلار بۇزغۇنچىلاردۇر)، شۈبھىسىزكى، اﷲ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرىدۇ

«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىش، اﷲ قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، اﷲ نى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىرخىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار

ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟

(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) سىلەر شۇنداق كىشىلەر سىلەركى، بىلىدىغان نەرسەڭلار (ئىسا) ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر بىلمەيدىغان نەرسەڭلار (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ دىنى) ئۈستىدم نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنىڭ ئىشىدىكى ھەقىقەتنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر» دەڭلار

ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋە لېكىن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، اﷲ قا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى

ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن بولغانلار، شۈبھىسىزكى، (ئىبراھىمنىڭ زامانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنىڭغا (يەنى ئۇنىڭ يولىغا) ئەگەشكەنلەردۇر، بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) دۇر، (بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولغان) مۆمىنلەردۇر. اﷲ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر

ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ (بۇنىڭ ۋابالى ئۇلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىش بىلەن ئۆزلىرىگىلا قايتىدۇ). (لېكىن) ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ

ئى ئەھلى كىتاب! اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى) بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئىنكار قىلىسىلەر؟

ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرىسىلەر ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابلىرىڭلاردىكى سۈپىتىنى) يوشۇرىسىلەر؟

ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن. پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول اﷲ نىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بى - بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار (دىنىڭلاردا بولمىغان ھېچ ئادەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلماڭلار. ئەگەر سىلەر مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىقرار قىلىپ ئۇنىڭ دىنىغا كىرمىسەڭلار، بۇ قىيامەت كۈنى سىلەرگە قارشى پاكىت بولىدۇ). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل - كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. اﷲ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن. پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول اﷲ نىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بى - بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار (دىنىڭلاردا بولمىغان ھېچ ئادەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلماڭلار. ئەگەر سىلەر مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىقرار قىلىپ ئۇنىڭ دىنىغا كىرمىسەڭلار، بۇ قىيامەت كۈنى سىلەرگە قارشى پاكىت بولىدۇ). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل - كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. اﷲ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

اﷲ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، اﷲ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر

ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا - قايتا سۈيلىمىگىچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۈممىلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دېدى، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ اﷲ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ

ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار باشقا دىندىكىلەرگە زۇلۇم قىلسا گۇناھ بولىدۇ). ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار (اﷲ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر)، چۈنكى اﷲ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ

اﷲ قا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى اﷲ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ

ئۇلاردىن (يەنى يەھۇدىيلاردىن) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن، تىللىرىنى ئەگرى - بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ اﷲ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ

اﷲ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: «اﷲ نى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ) ۋە لېكىن (ئۇ): «كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار، ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار» (دەيدۇ)

شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرىشتىلەرنى، پەيغەمبەرلەرنى رەب قىلىۋېلىشقا بۇيرۇشى لايىق بولمايدۇ. مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى كۇفرىغا بۇيرۇمدۇ؟

ئۆز ۋاقتىدىلا اﷲ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» (دېدى). اﷲ: «(بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنە بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. اﷲ: «(ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن» دېدى

كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈسە (يەنى ئەھدىنى بۇزسا)، ئۇلار اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر

ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) اﷲ نىڭ دىنىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە اﷲ قا بويسۇنغان تۇرسا، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) اﷲ تەرىپىگە قايتۇرۇلىدۇ

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز اﷲ قا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز اﷲ قا بويسۇنغۇچىلارمىز»

كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر

ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى اﷲ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

اﷲ نىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر

ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ

پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، اﷲ (مۇنداقلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر

شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر

شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ (تەۋبە قىلماستىن) كۇفرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا (ئۇلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ

ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، (اﷲ نىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلماڭلار. اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار»

شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىل مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن)، كىمكى اﷲ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر

ئېيتقىنكى، «اﷲ راست ئېيتتى، (ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت) ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئۇ (يەنى ئىبراھىم) مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»

ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللا) مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر

ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرى، بەيتۇللاغا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ اﷲ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، اﷲ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر

ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) نېمە ئۈچۈن اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ۋەھالەنكى، اﷲ قىلمىشىڭلارغا شاھىتتۇر»

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىغا) شاھىت بولۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن اﷲ نىڭ يولىنى ئەگرى كۆرسىتىشنى قەستلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»

ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىغە ئىتائەت قىلساڭلار، مۆمىن بولغىنىڭلاردىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كاپىر قىلىپ قويىدۇ