loader

(ئىلاھلىقى) ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) اﷲ قا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، زالىملارنىڭ جايى (يەنى دوزاخ) ھەقىقەتەن يامان جايدۇر

اﷲ سىلەرگە قىلغان (دۈشمىنىڭلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىسىدە تۇردى؛ اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، اﷲ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا جاڭجاللاشتىڭلار، (پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن اﷲ سىناش ئۈچۈن سىلەردىن دۈشمەننى قايتۇردى (يەنى سىلەرنى غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. اﷲ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر

ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر (ئى اﷲ نىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىڭلار، مەن رەسۇلۇللاھتۇرمەن، كىمكى جىھاد مەيدانىغا قايتسا، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ) ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار، (بۇنىڭدىن كېيىن) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە (يەنى غەنىيمەتكە)، بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە (يەنى مەغلۇبىيەتكە) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى (يەنى سىلەرنى غەنىيمەتتىن مەھرۇم قىلغاننىڭ ئۈستىگە مەغلۇبىيەت بىلەن جازالىدى). اﷲ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر

غەمدىن كېيىن اﷲ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى)، بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، اﷲ قا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە اﷲ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتىقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ ئىلكىدە». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرەلمەيتتۇق» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (اﷲ نىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (اﷲ نىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. اﷲ كۆڭۈللەردىكىنى (ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر»

ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئىچىڭلاردىكى (جەڭدىن) ھەقىقەتەن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى، بەزى قىلمىشلىرى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقى) تۈپەيلىدىن، شەيتان تېيىلدۇرۇشقا ئورۇندى؛ اﷲ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)

ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دېگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، اﷲ بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. اﷲ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ). اﷲ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر اﷲ يولىدا (يەنى غازاتتا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى (غازاتقا كېتىپ بېرىپ ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار، سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ئارتۇقتۇر

ئەگەر سىلەر (ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار ياكى (جەڭ مەيدانىدا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار، (ئاخىرەتتە) چوقۇم اﷲ نىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر (اﷲ سىلەرنى ئەمەلىڭلارغا قاراپ مۇكاپاتلايدۇ)

اﷲ نىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، اﷲ قا تەۋەككۈل قىلغىن. اﷲ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ

ئەگەر اﷲ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر اﷲ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، اﷲ تىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر يالغۇز اﷲ قا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى اﷲ قا تاپشۇرسۇن)

ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىيمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ (يەنى بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ). كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن (يەنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى گەجگىسىگە ئارتىلغان ھالدا) كېلىدۇ. ھەر كىشنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات، (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا (ياخشىلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىپ، ئاسىيلارنىڭ جازاسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ) زۇلۇم قىلىنمايدۇ

اﷲ نىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى اﷲ نىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ اﷲ نىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!

اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ دەرىجىسى تۈرلۈك بولىدۇ. اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

اﷲ مۆمىنلەرگە اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى

سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر

ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار توقۇنۇشقان ئۇھۇد جېڭىدە) سىلەرگە كەلگەن مۇسىبەت اﷲ نىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇر

ۋە مۇناپىقلارنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا: «كېلىڭلار، اﷲ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى (ئۆزۈڭلارنى) قوغداڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۇرۇشتىن خەۋەر تاپقان بولساق، ئەلۋەتتە، سىلەرگە ئەگىشەتتۇق (يەنى سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلاتتۇق)» دېدى. ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرىغا يېقىن ئىدى. ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىلەرنى ئېغىزلىرىدا دېدى، ئۇلار يوشۇررغاننى (يەنى نىفاق بىلەن مۇشرىكلىكنى) اﷲ ئوبدان بىلىدۇ

(بۇ يەنە اﷲ نىڭ) ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىمىغان (مۇناپىقلارنى ئايرىشى ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا: «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) بىزگە بويسۇنغان بولسا (يەنى نەسىھىتىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشتىن قايتقان بولسا)، ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار»

اﷲ نىڭ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ئەتىگەن - ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ)

ئۇلار اﷲ نىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولماي تىرىك قالغان) قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) نە قورقۇنچ، (دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىغا) نە قايغۇ يوق ئىكەنلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ

ئۇلار اﷲ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت ۋە پەزلنى، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى اﷲ نىڭ بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ

(ئۇھۇد غازىتىدا) يارىلانغاندىن كېيىن اﷲ نىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار، ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) دىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ

(مۇشرىكلار تەرەپدارى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك - شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە اﷲ كۇپايە، اﷲ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى

ئۇلار اﷲ نىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار اﷲ نىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. اﷲ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر

ئەنە شۇ شەيتان ئۆز دوستلىرىنى (يەنى كۇففارلارنى) قورقىتىدۇ. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار

(ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. اﷲ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئىماننى كۇفرىغا تېگىشكەنلەر (يەنى مەزكۇر مۇناپىقلار) (كۇفرى بىلەن) اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ

اﷲ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى) ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغۇچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلارچە قويمايدۇ. اﷲ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ ۋە لېكىن اﷲ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇناپىقلارنىڭ ھالىنى بىلدۈرگەندەك) غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە (پەرۋەردىگارىڭلاردىن) قورقساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر

اﷲ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل - مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى اﷲ نىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىي بولغاندىن كېيىن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). اﷲ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر

«اﷲ بولسا ھەقىقەتەن پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ سۆزىنى اﷲ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز (يەنى نامە - ئەمالىغا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە بۇنى ئۇلارنىڭ نامە - ئەمالىغا يېزىشنى بۇيرۇيمىز) ھەمدە ئاخىرەتتە پەرىشتىلەر تىلى ئارقىلىق، كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيمىز

بۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، اﷲ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر

ئۇلار: «(تەۋراتتا) اﷲ بىزنى (ئاسماندىن چۈشكەن) ئوت يەپ كېتىدىغان بىر قۇربانلىق كەلتۈرمىگىچە ھەقىقەتەن ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇدى» دېدى (بۇ ئىپتىرا بولۇپ، اﷲ ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەس). (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە مۆجىزىلەر ۋە سىلەر ئېيتقان مۆجىزە بىلەن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەر كەلدى؛ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟»

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن، مۆجىزىلەرنى، كىتابلارنى (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش ساماۋى كىتابلارنى) ۋە نۇرلۇق كىتابنى (يەنى تەۋرات، ئىنجىلغا ئوخشاشلارنى) ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى

ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ)

سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا اﷲ تىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر

ئۆز ۋاقتىدا، اﷲ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كىتابنى (يەنى كىتابتىكى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئۇلار ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە (يەنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە) تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان!

(ئى مۇھەممەد!) قىلغان ئىشلىرىدىن (يەنى ھەقنى ياپقانلىقىدىن) خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر

شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار

ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن

پەرۋەردىگارىمىز! سەن كىمنىكى دوزاخقا كىرگۈزىدىكەنسەن، ئۇنى ئەلۋەتتە خار قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ

پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) 'رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار' دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن

پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى (يەنى ئىتائەت قىلغانلارغا خاس بولغان جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن»

ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلدى: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر - بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن. ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى اﷲ نىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) اﷲ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار

كاپىرلارنىڭ (پۇل - مال، ئابرۇي، مەرتىۋە ئىزدەش يۈزىسىدىن) شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالدىمىسۇن

بۇ ئازغىنا بەھرىمەن بولۇشتۇر، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك!

پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، اﷲ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر (يەنى مۇكاپات ۋە ھۆرمەت) ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن (كۇففارلار بەھرىمەن بولغان باقاسى يوق ئازغىنا راھەتتىن) ئارتۇقتۇر

ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن اﷲ قا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار اﷲ تىن قورقىدۇ، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ)، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر

ئى مۆمىنلەر! تائەت - ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن اﷲ تىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار)